Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل قوشۇنلىرى، بېرىپ، قېدارلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، شەرقىي قۇملۇقتا ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى يوقىتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:28
20 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.


ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى.


تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە نىبايوت، قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،


ئەرەبلەر ۋە قېدارنىڭ بارلىق شاھزادىلىرى سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پاقلان، قوچقار ۋە ئۆچكە ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.


مەن يەرەمىيا دېدىم: «پەرۋەردىگاردىن بىر ۋەھىي كەلدى. ئۇنى جاكارلاشقا ئەۋەتىلگەن ئەلچى، ئەللەر ئارىسىدا: ‹ئۇرۇشقا قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىڭلار! ئىدومغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىڭلار!› دەيدۇ».


غەربكە بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، سىپرۇس ئارىلىنى كۆرۈپ كېلىڭلار! شەرققە ئادەم ئەۋەتىپ، قېدار زېمىنلىرىغا بېرىپ كېلىڭلار! بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلاپ باققان بىرەرسى بارمىكىن؟


خازور زېمىنلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى بولىدۇ، چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئۇ زېمىنلاردا ئادەم ياشىمايدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ماكانلاشمايدۇ.»


چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر جاراڭلىق ئاۋازدا شۈكۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار. قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلىنىڭلار. سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇڭلار. مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن.


بۇ، ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىستان چۆللۈكىدە چېدىر تىكىپ ئولتۇرىسىلەر.


ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۈرمەن قارا بولساممۇ، قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك قارا بولساممۇ، چىرايلىقمەن سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك.


ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق مادا ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى.


ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نىبايوتتۇر. كېيىنكى ئوغۇللىرى: قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،


لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.


ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.


دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر،


قۇملۇقلاردا ياشاۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite