27 مەن دەمەشق سېپىللىرىغا ئوت قويۇپ، بەنھادادنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»
نىبۇكادنەزەر مىسىر ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئولجا ئالىدۇ ۋە بۇتخانىلىرىغا ئوت قويۇپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى نەرسىلەرنى خۇددى پادىچى چاپىنىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك، ھەممىسىنى تېرىۋېلىپ، ساق-سالامەت قايتىپ كېتىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ئارراملارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاۋۋالقىدەكلا خاتىرجەم ياشاپ قالدى.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ، يىقىلىسىلەر. سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ. مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.»