Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلاردا يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:26
7 Referans Kwoze  

شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى مۇپتىلا قىلغان ۋاباغا سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلدىم. باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم. ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى. بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن چوقۇم ئۇلارنى جازالايمەن! ئۇلارنىڭ ياشلىرى ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ئوغۇل-قىزلىرى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ.


بايلىقلىرىڭ، ماللىرىڭ، تاۋارلىرىڭ، كېمىچىلىرىڭ، رولچىلىرىڭ كېمە ياسىغۇچى ئۇستىلىرىڭ، سودىگەرلىرىڭ، لەشكەرلىرىڭ ۋە كېمەڭدىكى ھەرقانداق ئادەم سەن ۋەيران بولغان كۈنى دېڭىز مەركىزىدە پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ.


قېرىلارنىڭ، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى ياتار كوچىدا، قىزلىرىم، ئوغۇللىرىم ئۆلتۈرۈلگەن قىلىچ ئاستىدا. ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭ سەن غەزەپلەنگەن كۈنۈڭدە، ھېچبىر رەھىم قىلمىدىڭ قىرىپ تاشلىغىنىڭدا.


چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite