24 دەمەشق شەھىرى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ خەلقى قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ، خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ!
مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.
ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ، ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ، بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ.
يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!
بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا، قوللىرىدا مادار قالمايدۇ. ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ.
كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»
مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.
ئۆزۈڭلاردىن بۇنى سوراپ، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار: ‹ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ بالا تۇغقىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟› ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ خۇددى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئاياللاردەك قورساقلىرىنى قاماللاپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا نېمە ئۈچۈن قان قالمىدى؟
شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ.
قاراپ تۇرۇڭلار، دۈشمەن بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشۈپ، قاناتلىرىنى بوزرا شەھىرىنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىدوم لەشكەرلىرى تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالدەك قىينىلىدۇ.»
ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ۋە چارۋىلىرىنى تارتىۋېلىڭلار، ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنى، چېدىرلىرى ئىچىدىكى پەردىلەرنى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتىڭلار. كىشىلەر ئۇلارغا ۋارقىراپ: ‹ھەممە يەر ۋەھىمىدە قالدى!› دەيدۇ.
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئېلاملىقلارنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ ۋەھىمىسىگە ئۇچرىتىمەن، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىم بىلەن بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، مەن تاكى ئۇلارنى ھالاك قىلغۇچە، قىلىچ بىلەن قوغلايمەن.
ئىسرائىلىيە تولغىقى تۇتقان ئانىنىڭ ئەقىلسىز ئوغلىدۇر. تۇغۇت ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ ئانىسىنىڭ قارنىدىن چىقىشنى خالىمايدۇ.
بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا يەر تەۋرەش ۋە ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.