Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەمەشق توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقتىن چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرلىگەن دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلىنالمايدۇ، قورقۇنچقا تولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:23
35 Referans Kwoze  

بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!


خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى يوقمىدى؟ سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟


لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ. تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.


ئۇ ئادەملىرىنى ئۇ يەردە بىرقانچە توپقا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇلاپ كېتىلگەن ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، ئاياللارنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئالدى.


نىنەۋى شەھىرى يىقىلىدۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، ۋەيران بولىدۇ. نىنەۋىلىكلەرنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.


خامات، ئارپاد، لائىر، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى.


لېكىن ئىبرام: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەردۇر.


دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.


بىز بىرقانچە كۈنلەرگىچە كۈن ۋە يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرەلمىدۇق. بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك داۋاملىشىۋەردى. ئاخىر، قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزدىنمۇ ۋاز كەچتۇق.


دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.


سىلەر خەلققە پو ئېيتىپ مۇنداق دەيسىلەر: «كالنېھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار! ئۇ يەردىن بۈيۈك بولغان خامات شەھىرىگە بېرىڭلار! ئاندىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گات شەھىرىگە بېرىڭلار! بۇ ئىككى پادىشاھلىق بىزدىنمۇ كاتتىمىكەن؟ ئۇلارنىڭ زېمىنى بىزنىڭ زېمىنىمىزدىنمۇ چوڭمىكەن؟»


خامات، ئارپاد، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلار قانداق بولدى؟»


ھەممە ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىدىن ۋە ئوردىدىكى خەزىنىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا تۆۋەندىكى تەكلىپ بىلەن بىرگە ئەۋەتتى:


ئاسسۇر پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيە ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى.


پادىشاھ داۋۇت زوباھلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، رىزون بىر تۈركۈم قاراقچىلارنى توپلاپ، ئۆزى ئۇلارغا ئاتامان بولدى. كېيىن ئۇ دەمەشققە بېرىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى.


ئۇ چاغدا ھەتتا شىر يۈرەك قەھرىمانلارمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاتىلىرىنىڭ ماھىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.


خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،


مەن بىلەن بىللە بارغان ھەمراھلىرىم «ئۇ زېمىندىكىلەر ۋەھشىي ئىكەن!» دەپ، ئىسرائىللارنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى، لېكىن مەن ئىككىلەنمەي، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشەندىم.


بىز بۇلارنى ئاڭلىغان ھامان قورقۇپ، جاسارىتىمىز يوقالدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ خۇداسىدۇر.


لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن يەنە مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يۈرەكسىزلىك قىلىپ، قورقىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە قايتسۇن.»


ئىدومنىڭ ئەمىرلىرى قورقۇشۇپ كېتەر، موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار. كەنئانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر،


دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دېگىنىچە بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى.


چۈنكى دەمەشق شەھىرى سۈرىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن دەمەشقنىڭ بېشى بولغان رىزىن پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىمۇ 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ،


خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قانداق بولدى؟ سىفارۋايىم شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرىچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدا مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟


بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، بابىل قوشۇنلىرى پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تۇرۇۋاتقان خامات رايونىدىكى رىبلاھقا ئېلىپ كەلدى. بابىل پادىشاھى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.


دەمەشقلىكلەرمۇ سېنىڭ تاۋارلىرىڭ ۋە بايلىقىڭنىڭ موللۇقىنى بىلىپ، خەلبوندا ئىشلەنگەن شاراب ۋە زاخارنىڭ يۇڭلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite