22 قاراپ تۇرۇڭلار، دۈشمەن بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشۈپ، قاناتلىرىنى بوزرا شەھىرىنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىدوم لەشكەرلىرى تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالدەك قىينىلىدۇ.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.
ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ، ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ، بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ.
دەمەشق شەھىرى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ خەلقى قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ، خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ!
ئۆزۈڭلاردىن بۇنى سوراپ، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار: ‹ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ بالا تۇغقىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟› ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ خۇددى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئاياللاردەك قورساقلىرىنى قاماللاپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا نېمە ئۈچۈن قان قالمىدى؟
يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!
قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!
پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر.
كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى يولۇۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساندەك ئويلايدىغان ئىقتىدار بېرىلگەنىدى.
ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ، ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»
پەرۋەردىگار سەن ‹دوستۇم› دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەملەر ئارقىلىق سېنى باشقۇرسا، سەن نېمە دەيسەن؟ سەن تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئازابلانمامسەن؟
مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.
ھامىلىدار ئايال تولغاق ئازابىدا يىغلىغاندەك، بىزمۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يىغلىدۇق، ئى پەرۋەردىگار.
بۇ ۋەھىي سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇرىدۇ، ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا. مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى.
گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم، ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.
بۈركۈتنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلىشى، كېمىنىڭ دېڭىزدا مېڭىشى. يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشى.
ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.
بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ. ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ.
ئەي تېمان شەھىرى، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ ھودۇقۇپ كېتىدۇ. ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىكى خەلقنىڭ ھەممىسى قىرغىن قىلىنىدۇ!
بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا، قوللىرىدا مادار قالمايدۇ. ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ.