Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:2
22 Referans Kwoze  

مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «بۇ بىر ئازاب! مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن! ۋاي يۈرىكىم! يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ! مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن. مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.


يوللارنىڭ بىرى ئاممونلارنىڭ يۇرتىنىڭ مەركىزى بولغان رابباھقا، يەنە بىرى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھىرى بولغان يېرۇسالېمغا تۇتاشسۇن.


(پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھايات قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر ئىدى. ئۇ كارىۋات ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ھازىرغىچە بار.)


شۇڭا مەن رابباھنىڭ شەھەر سېپىللىرىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش كۈنىدە چۇقان-سۈرەنلەر ئاڭلىنىدۇ، جەڭ شىددەتلىك بوراندەك ئەۋج ئالىدۇ.


ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان ۋاقىت بولغاندا، داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب ۋە لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت يېرۇسالېمدا قالغانىدى.


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاممون توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «ئىسرائىل ئەۋلادلىرى يوقمۇ؟ ئۇلارنىڭ گاد زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئىزباسارلىرى يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇت ئىلاھ مولەك ۋە ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى گاد زېمىنى ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىۋالىدۇ؟


ئى پەرۋەردىگار، شادلاندى ئادالىتىڭدىن پۈتۈن يەھۇدىيە شەھەرلىرى، خۇشاللىققا چۆمدى سىئون ئاڭلاپ ھۆكۈملىرىڭنى.


ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭدىن، خۇش بولسۇن سىئون تېغى، شادلانسۇن يەھۇدىيە شەھەرلىرى.


ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى، جۈملىدىن خەشبون ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئولتۇراقلاشتى.


كېيىن نەگېب چۆللۈكىدە ياشىغان خۇدانىڭ خەلقى ئىدوم تاغلىرىنى قايتىدىن ئىگىلەيدۇ. غەربىي ئېدىرلىقلاردا ياشىغانلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئەفرايىم ۋە سامارىيە زېمىنلىرىنى ئىگىلەيدۇ. بىنيامىنلار گىلئاد زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ.


سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ ئىككى كاناي بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن.


شەھەردىكى مال-مۈلۈكلەرنى شەھەر ئوتتۇرىسىغا توپلاپ، ئۇلارنى ۋە پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. شەھەر مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلسۇن، قايتا بىنا قىلىنمىسۇن.


ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.


يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى.


بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!


ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.


ئەي ئىسرائىللارنىڭ پاسىق ۋە رەزىل پادىشاھى، سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، سوراق قىلىنىدىغان كۈنۈڭ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite