Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قەدەھتىكى جازا شارابىنى ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەر ئۇنى ئىچكەن يەردە، سەن قانداقمۇ جازالانماي تۇرالايسەن؟ سەن جازاسىز قالمايسەن. چوقۇم جازا شارابىنى ئىچىسەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:12
9 Referans Kwoze  

مېنىڭ خەلقىم مۇقەددەس تېغىمدا جازا شارابىنى تولۇق ئىچىۋەتتى، ئەمدى سەن ۋە ئەتراپىڭدىكى ئەللەرمۇ بۇ جازا شارابىنى تولۇق ئىچىسىلەر. شۇنداق، سىلەر جازا شارابىنى ئىچىسىلەر. سىلەر خۇددى ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك يوقاپ كېتىسىلەر.


ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار. مەن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان يىراق زېمىنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قورقۇتمايدۇ.


چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.


پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا بىر غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ قولۇمدىكى قەدەھنى ئالغىن، بۇ قەدەھ غەزىپىم شارابىغا تولغاندۇر. سېنى ئەۋەتىدىغان ئەللەرگە بۇ قەدەھتىكى شارابتىن ئىچكۈزگىن.


كەمبەغەلنى مازاق قىلغان ھاقارەت كەلتۈرەر ياراتقۇچىسىغا، باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە شادلانغان چوقۇم دۇچ كېلەر جازاغا.


- سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ئىچەلەمسىلەر؟ - ئىچەلەيمىز، - دېيىشتى ئۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite