Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 لېكىن مەن ئەساۋ ئەۋلادلىرىدىن ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ئاندىن ئۇلار يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قوشنىلىرى ھالاك بولىدۇ، ھېچكىم ھايات قالمايدۇ!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:10
13 Referans Kwoze  

كەچ كىرگەندە ئىسرائىللارنى ۋەھىمە باسقان بولسا، تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن غايىب بولىدۇ. مانا بۇ بىزنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ تەقدىرى، بىزنى بۇلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى.


بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياقۇپنى تاللىدىم، ئەساۋنى رەت قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك.


ئەي تېمان شەھىرى، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ ھودۇقۇپ كېتىدۇ. ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىكى خەلقنىڭ ھەممىسى قىرغىن قىلىنىدۇ!


ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، تۇتۇپ كېلىمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا، دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن.


مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟


مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى، مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم: ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.


چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.


مەن سىلەرنىڭ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ تاشلايمەن. ئۇياتلىق يېرىڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ.


ئەي سىئون شەھىرى، تارتىپ بولدۇڭ جازايىڭنى، پەرۋەردىگار سۈرگۈندە تۇتۇپ تۇرماس ئەمدى سېنى. لېكىن ئەي ئىدوم، ئەمدى پەرۋەردىگار بېرەر جازايىڭنى، ئاشكارا قىلار جىنايىتىڭنى!


ئەي ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىسىلەر! يوشۇرۇپ قويغان بايلىقىڭلار تېپىۋېلىنىدۇ ۋە ئېلىپ كېتىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite