Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

46 ئەي موئاب خەلقى، ھالىڭلارغا ۋاي! كىموشقا چوقۇنىدىغان خەلق، سىلەر تۈگەشتىڭلار! ئوغۇللىرىڭلار تۇتقۇن قىلىنىپ، قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:46
7 Referans Kwoze  

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي موئابلار! ئاھ كىموش ئىلاھىنىڭ خەلقى، تۈگەشتىڭلار ئەمدى! ئىلاھىڭلار ئوغۇللىرىنىڭ قاچاق بولۇشىنى توسالمىدى، ئىلاھىڭلار قىزلىرىنىڭ تۇتقۇن بولۇشىنى توسالمىدى، ئۇلار ئامور پادىشاھى سىخوننىڭ بولدى.


موئاب خەلقى ئۆزىنىڭ بۇت ئىلاھى كىموشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىسرائىللار بەيتەلدىكى موزاي بۇتقا ئىشىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ.


موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ، لېكىن سەنمۇ ئەسىرلىككە ئېلىنىسەن. بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى.


سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلاھىڭلار بولغان كىموش سىلەرگە بەرگەن زېمىنغا ئىگە بولۇڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولايلى!


پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «بۇزۇقچىلىق تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى.


موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite