Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ. مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى يانجىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ. بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:33
13 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىڭلار قانداق ئىدى؟ ئۇ چاغدا كىشىلەر خامىنىدىكى ئاشلىقنىڭ يىگىرمە تاغار چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن پەقەت ئون تاغارلا چىقاتتى. بىر كۈپ شارابنىڭ ئەللىك كومزەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن يىگىرمە كومزەكلا چىقاتتى.


ئون مو ئۈزۈمزارلىقتىن ئاران بىر كۈپلا شاراب چىقىدۇ، ئون تاغار ئۇرۇقتىن ئاران بىر تاغارلا ئاشلىق چىقىدۇ.»


يېمەكلىكلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئېلىپ كېتىلدى. خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى شاد-خۇراملىق غايىب بولدى.


ئەي مەستلەر، ئويغىنىڭلار، يىغلاڭلار. ئەي مەيخورلار، ھەممىڭلار پەرياد قىلىڭلار. يوقتۇر ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچكۈدەك شارابىڭلار!


ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن. سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن، ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ، خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش، خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تەكلىرى بار ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ.


پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite