Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 يازېر شەھىرى سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرغانغا ئوخشاش، مەنمۇ سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ياش تۆكىمەن. سىبماھنىڭ ئۈزۈم تاللىرى بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈك دېڭىز ۋە يازېر شەھىرىگىچە يېتىپ بارغانىدى. ۋەيران قىلغۇچىلار يازلىق مېۋىلىرىڭلارنى ۋە ئۈزۈملىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:32
13 Referans Kwoze  

مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى.


قىرياتائىم، سىبماھ ھەمدە جىلغىدىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان زەرەت-شاخار،


ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ، قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار. چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.


موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ. بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ۋەيران قىلغۇچىلار ھەربىر شەھەرگە كېلىدۇ. ھېچقانداق شەھەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. جىلغىلاردىكى يېزا-قىشلاقلار ۋەيران قىلىنىدۇ. ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ماڭا كەلسەك، مەن مىزپاھتا تۇرۇپ، بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان بابىللىقلار ئالدىدا سىلەرگە ۋەكىللىك قىلىمەن. سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلار ئىگىلىگەن شەھەرلەرگە ماكانلىشىڭلار. ئۈزۈملەر، يازلىق مېۋىلەر ۋە زەيتۇنلاردىن ھوسۇل ئېلىپ ساقلاڭلار.


خەشبون ۋە يازېر قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.


نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.


ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا،


رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،


ئۇلارنىڭ زېمىنى يازېر، گىلئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە رابباھ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئاروئېر شەھىرىگىچە بولغان ئاممون زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite