Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 خورونايىم شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار. ئۇلار ‹ۋەيران بولدۇق، ھالاك بولدۇق!› دەپ يىغلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:3
12 Referans Kwoze  

مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن. ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ. ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ. خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ.


بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.


ئۇلار لۇخىت شەھىرىگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋېتىپ يىغلايدۇ. ئۇلار خورونايىم شەھىرىگە چۈشىدىغان يولدىمۇ بۇ ۋەيرانچىلىقتىن ئازابلىنىپ يىغلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.


شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»


پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ.


موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.


ئۇ ئادەم پەرۋەردىگار شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلغان شەھەرلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولسۇن. ئۇ ئەتىگەندە نالە-پەرياد، چۈشتە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن.


موئاب ۋەيران قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى يىغلاپ زارلايدۇ.


بابىلدىن نالە-پەرياد ئاڭلىنىدۇ. ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاۋازلىرى بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite