Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار. ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:28
10 Referans Kwoze  

ئەي كەپتىرىم، يوشۇرۇنۇۋالدىڭ قىيادىكى دالدىغا، مۆكۈۋالدىڭ قورام تاشنىڭ يېرىقلىرىغا. كۆرسەتكىنە جامالىڭنى، ئاڭلاي سېنىڭ ئاۋازىڭنى، چۈنكى شېرىن ئاۋازلىرىڭ، يېقىملىقتۇر چېھرىلىرىڭ.


مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى.


سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ، بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى. سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ، ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ، مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


موئاب ئۈچۈن بىر قەبرە تۇرغۇزۇڭلار. چۈنكى ئۇ جەزمەن ۋەيران قىلىنىدۇ! ئۇنىڭ شەھەرلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.


ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى.


يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.


ئەي دىدان شەھىرىدە ماكانلاشقانلار، ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار. چۈنكى مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. مەن ئۇلارنى جازالايدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ بولدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite