Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 قىرىيوت ۋە بوزرا قاتارلىق شەھەرلەر مەيلى يېقىن ياكى يىراق بولسۇن، موئابنىڭ ھەممە شەھەرلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:24
8 Referans Kwoze  

مەن موئابقا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت قىرىيوتنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش چۇقانلىرى ئاڭلانغاندا، لەشكەرلەر سۈرەن سېلىشقاندا، جەڭ بۇرغىلىرى ياڭرىغاندا، موئاب خەلقى ھالاك بولىدۇ.


شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ.


رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز،


رۇبېن قەبىلىسى ئۈچۈن ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولان شەھىرى بەلگىلەپ بېرىلگەنىدى.


بەلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا زەراخنىڭ ئوغلى بوزرالىق يوباب چىقتى.


ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»


مەن پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، بوزرا شەھىرى خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر سىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، نامىڭلارنى قارغاشقا ئىشلىتىدۇ. بوزرا ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەر-يېزىلار مەڭگۈ ۋەيرانچىلىقتا ياتىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite