Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئەي ئاروئېردا ياشاۋاتقانلار، سىلەر يوللارغا چىقىپ قاراڭلار. قېچىۋاتقان ئەر ۋە ئاياللاردىن ‹نېمە بولدى؟› دەپ سوراڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:19
10 Referans Kwoze  

ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرى ۋە جىلغىنىڭ ئىچىدىكى شەھەردىن تارتىپ تاكى گىلئادقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە تاقابىل تۇرالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى.


ھېلىقى ئادەم ئەلىگە: _ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلدىم، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى. _ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى.


ۋە ئازازنىڭ ئوغلى بەلا. ئازاز شەمانىڭ ئوغلى، شەما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار ئاروئېر شەھىرىدە ھەمدە شىمالدىكى نىبو ۋە بائال-مىئون شەھەرلىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشىدى.


ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا چۈشكۈن قىلدى. ئاندىن گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ يازېر شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


گاد قەبىلىسى دىبون، ئاتاروت، ئاروئېر،


ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.


ئىسرائىللار خەشبون شەھىرى، ئارئور شەھىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى، ئارنون دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى 300 يىل ئىگىلەپ ياتتى. شۇ مەزگىلدە سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللاردىن قايتۇرىۋالمىدىڭلار؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite