Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 48:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى جان-دىلى بىلەن قىلماي، قىلىچلىرىنى قان تۆكۈشكە ئىشلەتمىگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 48:10
15 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى قولدىن چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىغا جېنىڭنى بېرىسەن. ئادەملىرىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورنىغا جېنىنى بېرىدۇ»، _ دېدى.


ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا تەلتۆكۈس يوقات.»


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن، مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›


شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: _ سەن ئەسلى بەش ياكى ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئارراملارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلاتتىڭ. ئەمدى سەن ئارراملارنى ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، _ دېدى.


ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى، شۇنداقلا قىممىتى بار سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارنى ئېلىپ قېلىپ، قىممىتى يوق، ئەرزىمەسلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈۋەتتى.


قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.


‹ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، قاچان توختايسەن؟ غىلىپىڭغا قايت، ئارام ئال!› دەيسىلەر.


پادىشاھ ئۆتكەندە، ئۇ پەيغەمبەر ۋارقىراپ: _ مەن خىزمەتكارلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا بارغانىدىم. بىرسى مېنى كۆرۈپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويساڭ، جېنىڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن ياكى 35 كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېدى.


لېكىن مەن خىزمەتكارلىرى باشقا ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن، ئۇ قېچىپ كېتىپتۇ، _ دېدى. پادىشاھ ئاخاب: _ سەن جازاغا تارتىلىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلىپسەن، _ دېدى.


مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقىن: «كىمكى بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە بويسۇنمايدىكەن، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن.


لېكىن مېنىڭ قىلىچىم قانداقمۇ ئارام ئالسۇن، ئۇنى مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان تۇرسام؟ مەن پەرۋەردىگار ئۇنى ئاشقىلون ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان.»


ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»


قالغانلىرىڭلار قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن داۋاملىق قوغلاپ، ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە كىرىۋېلىشىغا يول قويماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite