7 لېكىن مېنىڭ قىلىچىم قانداقمۇ ئارام ئالسۇن، ئۇنى مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان تۇرسام؟ مەن پەرۋەردىگار ئۇنى ئاشقىلون ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان.»
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقتۇر. پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا خىتاب قىلماقتا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تاياق ۋە ئۇنى ئەۋەتكۈچى مەندىن قورقۇڭلار!
ئەگەر مەن ئۇ يەرگە دۈشمەن ئەۋەتىپ، قىلىچىم ئارقىلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ ھالاك قىلسام،
مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.
شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟
شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن.
سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.
مەن ئۆزۈم تاللىغان قوشۇنۇمغا پەرمان قىلدىم، غەزىپىمنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىمگە چاقىرىق قىلدىم. لەشكەرلىرىم پەخىرلىنىپ، غەلىبەمدىن شادلىنىدۇ.»
ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا تەلتۆكۈس يوقات.»
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى جان-دىلى بىلەن قىلماي، قىلىچلىرىنى قان تۆكۈشكە ئىشلەتمىگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!
ئەي قىلىچ، غىلىپىڭغا سېلىن! سەن يارىتىلغان يۇرتۇڭدا سېنى سوراق قىلىمەن.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ بىلەندى، پارقىرىتىۋېتىلدى.
ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز ۋە مۇشتۇڭنى تۈر. قىلىچ ئىككى، ئۈچ قېتىم ئۇرۇلسۇن. بۇ قىلىچ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر، ئۇ كۆپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان قىلىچتۇر، ئۇ ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ.