Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 47:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 گازا شەھىرى ھازا تۇتۇپ چېچىنى چۈشۈرىدۇ. ئاشقىلون شەھىرى جىمىقتۇرۇلىدۇ. ئەي تۈزلەڭلىكتە ھايات قالغان فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر قاچانغىچە تېنىڭلارنى تىلىسىلەر؟

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 47:5
20 Referans Kwoze  

كىشىلەر قايغۇ-ھەسرەتتىن چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار قوللىرىنى تىلىپ، ماتەملىك كىيىملىرىنى كىيىدۇ.


مىسىردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار، ئۇز زېمىنىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئاشقىلون، گازا، ئەقرون خەلقلىرى، ئاشدودتا ھايات قالغانلار،


ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار. جانجىگەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ئۈچۈن نالە قىلىڭلار. بېشىڭلار تازقارىنىڭ بېشىدەك تاقىر بولسۇن. چۈنكى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


سەكسەن ئادەم شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىسىغا قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرىق سالماقچىدى.


كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى.


شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن.


ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، لاغىلداپ تىترەيدۇ، نومۇس تۇيغۇسى يۈزىنى قاپلايدۇ، ھازا تۇتۇشۇپ، چاچلىرىنى چۈشۈرۈشىدۇ.


بارلىق فىلىستىيەلىكلەرنى ۋەيران قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھايات قېلىپ، تىر ۋە سىدون شەھىرىگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقتى كەلدى. كرىت ئارىلىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگار تېزلا ۋەيران قىلىمەن.


بۇ پىرئەۋننىڭ گازا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر توغرىسىدا يەرەمىياغا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە بەدەنلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلىشىپ، قان ئاققۇزۇشتى.


يەھۇدا قەبىلىسى يەنە گازا، ئاشقىلون، ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىگىلىدى.


_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر، شۇڭا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار ياكى چېچىڭلارنىڭ ئالدىنى چۈشۈرمەڭلار.


ئۇلار ھازىدار بولغاندا چېچىنى چۈشۈرمىسۇن، ساقاللىرىنىڭ يانلىرىنى قىرقىمىسۇن، تەنلىرىنى تىلمىسۇن.


ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite