Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 47:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بارلىق فىلىستىيەلىكلەرنى ۋەيران قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھايات قېلىپ، تىر ۋە سىدون شەھىرىگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقتى كەلدى. كرىت ئارىلىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگار تېزلا ۋەيران قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 47:4
27 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرچە كۇش خەلقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسرائىللاردەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىمدەك، فىلىستىيەلىكلەرنى كرىت ئارىلىدىن، ئارراملارنى قىر زېمىنلىرىدىن ئېلىپ چىقمىدىممۇ؟


شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيە خەلقى مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار! بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىزچۇ، بىز قانداق قۇتقۇزۇلىمىز؟›»


كرىت خەلقىمۇ گازانىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئاۋۋىم خەلقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى.)


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


سىلەر كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە سالغان پالىڭلار يالغاندۇر. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان رەزىللەرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ. چۈنكى ۋاقىت توشتى، سوراق كۈنى كەلدى.


ئەي ئىسرائىللارنىڭ پاسىق ۋە رەزىل پادىشاھى، سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، سوراق قىلىنىدىغان كۈنۈڭ كەلدى.


ئۇلارنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاپەت كۈنى كەلدى. سېتىۋالغۇچىلار خۇشال بولمىسۇن، ساتقۇچىلارمۇ ئۆكۈنمىسۇن، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.


لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.


ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى.


چۈنكى، شۇ چاغ خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


مەن مىسىرغا ئوت قويۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى ھالاك بولغاندا، ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن.


«ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ.


سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟


خۇدا غەزەپلەنسە غەزىپىنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. دېڭىز مەخلۇقى راخابنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويىدۇ.


پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كرىتلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.


روھانىي پىنىخاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەمەت ئاقساقاللىرى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايىل بولۇشتى.


كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.


ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار! شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار! پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار! شىمال تەرەپتىن بىر قارا تۈتەك كېلىدۇ، ئۇ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان قوشۇندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite