Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 47:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 47:2
32 Referans Kwoze  

مىسىر چىرايلىق بىر ياش كالىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بىر توپ قوشۇن شىمالدىن كېلىپ، قان شورىغۇچ كۆكۈيۈندەك، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.


دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى. ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى. ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ! ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!»


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ بۇ، شىمالدىن بىر بالايىئاپەت كېلىپ، بۇ زېمىندىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى باسىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر.


پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.


يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا: - بۇ يەرگە كەل، سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان، داڭقى چىققان پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي.


ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىپ يىغلاڭلار.


لېكىن، باشقا بىرى سىلەرگە: «بۇ نەزىر قىلىنغان گۆش» دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىنى ئويلاپ ئۇ گۆشنى يېمەڭلار. چۈنكى، بۇ گۆشنى يېيىش ئۇنىڭ نەزىرىدە گۇناھ بولىدۇ.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.»


لېكىن ئۇ كەلكۈن بىلەن نىنەۋىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىنى زۇلمەتكە قوغلايدۇ.


ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن باش روھانىينىمۇ يوقىتىدۇ.


موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»


پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئېيتتى:


كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.


مەن بىر ئادالەت سىزىقى تارتىمەن، ھەققانىيلىقنى سىناش سىزىقى قىلىمەن. يالغانچىلىق بىلەن قۇرۇلغان پاناھلىق جاينى مۆلدۈرلەر ۋەيران قىلىدۇ. كەلكۈنلەر سىلەرنىڭ دالدىلانغان جايىڭلارنى بېسىۋالىدۇ.


بۇ، خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن جىلغا _ يېرۇسالېم توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆگزىگە چىقىۋالىسىلەر؟


پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ.


ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار! شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار! پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار! شىمال تەرەپتىن بىر قارا تۈتەك كېلىدۇ، ئۇ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان قوشۇندۇر.


جۇشقۇنلىسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، قىلسۇن قىزغىن تەنتەنە زېمىن يەنە جانلىقلار.


شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار.


سورىماسمەن سەندىن قورسىقىم ئاچسا ناۋادا، چۈنكى بۇ دۇنيا، ئۇنىڭدىكى مەئىشەتلەر تەۋەدۇر ماڭا.


پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ خەلق سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.


باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.»


مىسىر خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلار شىمالدىن كەلگەن خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite