Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە بېرىۋېرىڭلار. ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار. ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى، كۇش ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن، قالقان كۆتۈرۈۋالغان ياللانما جەڭچىلەر ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:9
14 Referans Kwoze  

قوشۇنۇڭدا پېرسىيەلىكلەر، لۇدلار، پۇئۇتلار بار ئىدى، ئۇلار قالقان ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئېسىپ قويۇپ، ھەيۋەڭنى نامايان قىلىشاتتى.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.


كۇش ۋە مىسىر ئۇنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتى ئىدى. پۇئۇت ۋە لىۋىيە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى.


سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئېتىقادىڭلارنى تا ئاخىرغىچە مۇستەھكەملەيدۇ.


فرىگىيە، پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيىنىڭ كىرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، كرىت ۋە ئەرەبىستاندىن كەلگەنلەرمۇ بار! يەنە رىم شەھىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئەمما، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىزنىڭ تىللىرىمىزدا ماختىغانلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز! - دېيىشتى.


دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاقلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. قورققىنىدىن مادارسىزلانغان ئاتىلار بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كەينىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىنچلىق سادالىرى ئەمەس، بەلكى ئالاقزادىلىك، قورقۇنچ قاپلىغان كىشىلەرنىڭ يىغا-زارى ئاڭلىنىدۇ.


مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار،


مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار،


ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇئۇت ۋە كەنئان.


مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.


بىر قىلىچ مىسىرغا قارشى چىقىدۇ، كۇش ئېلى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. مىسىردا نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولىدۇ ۋە دۈشمەنلەر مىسىرنىڭ بايلىقلىرىنى ئولجا ئالىدۇ. مىسىر يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.


كۇش، پۇئۇت، لۇد، لىۋىيە ۋە پۈتۈن ئەرەب زېمىنى، شۇنداقلا مىسىرنىڭ قالغان ئىتتىپاقداشلىرى مىسىر بىلەن بىرگە ئۇرۇشتا ۋەيران بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite