Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:5
19 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ۋە چارۋىلىرىنى تارتىۋېلىڭلار، ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنى، چېدىرلىرى ئىچىدىكى پەردىلەرنى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتىڭلار. كىشىلەر ئۇلارغا ۋارقىراپ: ‹ھەممە يەر ۋەھىمىدە قالدى!› دەيدۇ.


ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»


مىسىرنىڭ ياللانما لەشكەرلىرى سېمىز موزايلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىللە قاچىدۇ، ئۆز ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئاپەت كېلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئۇلارنى جازالايدىغان كۈن كەلدى!


خۇددى ئېچىۋېتىلگەن تۇغاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇدەك، خالايىق نىنەۋى شەھىرىدىن قېچىشىدۇ. لەشكەر باشلىرى: «توختاڭلار! توختاڭلار!» دەپ ۋارقىراشسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىمايدۇ.


بېشىڭغا كەلگەن ئىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن خەلقلەر ھەيران قالىدۇ. قىلىچىمنى پۇلاڭلاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇن پادىشاھلار قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. سەن گۇمران بولغان كۈنى ئۇلار جانلىرىدىن ئەنسىرىشىپ تىترىشىدۇ.


بۇقا ئىلاھىڭلار ‹ئاپىس› نېمە ئۈچۈن يىقىلدى؟ ئۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇنى يىقىتىۋەتتىم.


مەن ماڭا قارشى سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەممە يەردە مېنى ۋەھىمە باسىدۇ! ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ. بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر، ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ.


ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ.


ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ، ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ، بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ.


ئەمما ئويما بۇتلارغا ئىشەنگەنلەر، شۇ بۇتلارنى ‹ئىلاھىم› دەپ بىلگەنلەر، چوقۇم تاشلىنىپ قالىدۇ، قاتتىق نومۇستا قالىدۇ.»


مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن تۆت ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق خەلقلەردىن سىلەرگە ۋەھىمە كەلتۈرىمەن. سىلەر ھەر تەرەپكە تارقىتىۋېتىلىسىلەر، قاچقانلارنى يىغىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.


خۇددى ئادەملەر باشان زېمىنىنىڭ بوردالغان قوچقار، پاقلان، تېكە ۋە بۇقىلىرىنى يېگەندەك، سىلەرمۇ باتۇرلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر.


ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار! بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار، قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر.


پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى، ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ! ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر! ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite