يەرەمىيا 46:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى28 ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.» Gade chapit la |
مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.
لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.