Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار. مەن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان يىراق زېمىنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قورقۇتمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:27
24 Referans Kwoze  

قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللە. مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى شەرق ۋە غەربتىن قايتۇرۇپ كېلىمەن.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.


مەن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار كارمەل تېغى ۋە باشاننىڭ يايلاقلىرىدا ئوتلايدۇ، ئەفرايىم ۋە گىلئادنىڭ ئېدىرلىقلىرىدا تاكى تويغۇچە يەيدۇ.


مېنى تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›


مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ. باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ.


ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.


ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.


سىلەرنى ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن، سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قورقماڭلار!


مەن قاتتىق غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ جايدا خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن.


شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ياقۇپنىڭ سۈرگۈندىكى ئەۋلادلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن ۋە مۇقەددەس نامىمنى قاتتىق قوغدايمەن.


سىلەرنى ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن.


پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە،


«ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار.


خەلق ئىچىدە تارقالغان ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، قورقماڭلار. ھەر يىلى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ، زېمىندا زوراۋانلىق پەيدا بولىدۇ، ھۆكۈمرانلار بىر-بىرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ.


سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيەنى قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتا گۈللەندۈرىمەن، سېنىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈللەندۈرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite