Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مىسىرنىڭ ياللانما لەشكەرلىرى سېمىز موزايلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىللە قاچىدۇ، ئۆز ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئاپەت كېلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئۇلارنى جازالايدىغان كۈن كەلدى!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:21
25 Referans Kwoze  

لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق!


چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ، ئاتلارنىڭ، يەنى زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى خىت ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ياللاپتۇ» دېيىشىپ،


ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى يانتاقتىن، ئەڭ دۇرۇسلىرى تىكەنلىك چىتلاقتىن بەتتەردۇر. پەيغەمبەرلەر ئېيتقان جازا كۈنى كەلدى. ئەمدى ساراسىمىگە چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار بولدى.


مېنىڭ خەلقىم بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ شەھىرىگە كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلىماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.


ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر پىل چىشى بىلەن نەقىشلەنگەن كاتلاردا سوزۇلۇپ، دىۋانلاردا يانپاشلاپ ياتىسىلەر. قويلارنى ۋە سېمىز موزايلارنى يەيسىلەر.


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»


ياۋا كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ، موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ، تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ.


ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى.


ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.


سەن ئىسرائىللارغا بولغان كونا ئاداۋىتىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان، گۇناھى سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا ئۇلارنى قىلىچ ئاستىغا تاشلاپ بەردىڭ.


ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار. سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ، ئاتتەك كىشنىدىڭلار.


ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە بېرىۋېرىڭلار. ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار. ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى، كۇش ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن، قالقان كۆتۈرۈۋالغان ياللانما جەڭچىلەر ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار!


شەرقتىن چىققان بوران نەرسىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چېچىۋېتىمەن. ئۇلارغا بالا-قازا يېتىپ كەلگەندە، ئارقامنى قىلىپ ياردەم قىلمايمەن.»


سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟


ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە، ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە.


لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ، سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى.


بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.


دۈشمەنلەر كۈچلىنىپ ئىلگىرىلىگەندە، مىسىر يىلاندەك شىپپىدە قاچىدۇ. مىسىرلىقلار دەرەخلەرگە، دۈشمەن دەرەخ كەسكۈچىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ، دۈشمەنلەر ئۇلارنى پالتا بىلەن چاپىدۇ.


ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر، ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر. چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئەي دىدان شەھىرىدە ماكانلاشقانلار، ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار. چۈنكى مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. مەن ئۇلارنى جازالايدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ بولدۇم.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىر پىرئەۋنىگە قارشى تۇرىمەن، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن، يەنى ئىككىنچى بىلىكىنىمۇ سۇندۇرۇۋېتىمەن، قولىدىن قىلىچىنى چۈشۈرۈۋېتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite