Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 مىسىر چىرايلىق بىر ياش كالىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بىر توپ قوشۇن شىمالدىن كېلىپ، قان شورىغۇچ كۆكۈيۈندەك، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:20
8 Referans Kwoze  

ئەفرايىم ئۆگىتىلگەن ئىنەكتۇر، خامان تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مانا ئەمدى ئۇنىڭ گۈزەل بوينىغا بويۇنتۇرۇق سالىمەن. يەھۇدىيەنى سوقىغا قېتىپ، ياقۇپنى سۆرەمگە سالىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.


ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ بۇ، شىمالدىن بىر بالايىئاپەت كېلىپ، بۇ زېمىندىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى باسىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر.


ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار. سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ، ئاتتەك كىشنىدىڭلار.


مىسىر خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلار شىمالدىن كەلگەن خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.»


لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite