Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئاندىن يۇرتقا يېتىپ بارغاندا، ئۇلار: ‹مىسىر پادىشاھى ئاغزىدىلا گېپى بار ئادەم ئىكەن، ئۇ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى!› دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:17
11 Referans Kwoze  

بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.


ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.


ئەي پىرئەۋن، سېنى ئېرەم باغدىكى قايسى دەرەخكە ئوخشىتاي؟ سەن بەرىبىر ئېرەم باغدىكى دەرەخلەرگە ئوخشاش ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىسەن! مانا بۇ سېنىڭ ۋە قوشۇنلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى.› بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر پىرئەۋنى، سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇقسەن، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.


مىسىرلىقلار ئىنساندۇر، ئىلاھ ئەمەس! ئۇلارنىڭ ئاتلىرى پەقەت گۆشتۇر، روھ ئەمەس! پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەندە، ياردەم بەرگۈچىلەر يىقىلىدۇ، ياردەم سورىغانلارمۇ تۈگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، تۈگەيدۇ.


بەنھاداد: _ مەيلى ئۇلار سۈلھى ئۈچۈن چىققان بولسۇن ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىققان بولسۇن، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.


بىراق سەن بوران بىلەن غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى دېڭىزغا. ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك چۆكتى سۇنىڭ تېگىگە.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلچىگە: _ بەنھادادقا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار، _ دېدى.


ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار، يەنى ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite