13 پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئېيتتى:
مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»
كېيىن نۇرغۇن ئەللەر ۋە كۈچلۈك پادىشاھلار بابىلنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگۈچە، بارلىق ئەللەر بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە، ئوغلىغا ۋە نەۋرىسىگە خىزمەت قىلىدۇ.
شۇڭا مەن دەيمەنكى، قىلىچىمنى ساڭا شىلتىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلىرىڭنى يوقىتىمەن.