Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:12
17 Referans Kwoze  

ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.


«يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىسىرلىقلارنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. ھەممە ئائىلە كىشىلىرى، ھەممە قوشنىلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. بىر شەھەر يەنە بىر شەھەر بىلەن، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشىدۇ.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر ‹بېلىق دەرۋازىسى›دىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.


بابىلدىن نالە-پەرياد ئاڭلىنىدۇ. ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاۋازلىرى بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ.


ئىدوم گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى قىزىل دېڭىزغىچە يېتىپ بارىدۇ.


بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.


ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتماقتا ئىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنىدى.


شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ. ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.


بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.»


لەشكەر باشلىرى چاقىرتىلىدۇ. ئۇلار ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىدۇ. دۈشمەن دەرۋازىنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قالقان بولىدىغان لەمپە ئورنىتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite