Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 46:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن باشقا ئەللەر توغرىسىدىكى ۋەھىيلەردۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 46:1
13 Referans Kwoze  

بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.


سىلەر خۇدا پەقەت تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغان يەھۇدىيلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.


شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى. ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى. شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


مەن ئېگىز قىيا تاشلاردىن ئۇلارغا نەزەر سالدىم، ئېگىز تۆپىلىكلەردىن ئۇلارغا باقتىم. ئۇلار ئايرىم ياشايدىغان خەلقتۇر، ئۇلار ‹باشقىلارغا ئەسلا ئوخشىمايمىز› دەپ ئويلايدۇ.


ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.


نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ.


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 10-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


ئۇلار قاچانغىچە تورىنى تاشلاپ، ئەللەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite