3 «سەن ‹ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا تېخىمۇ كۆپ قايغۇ قوشتى. يىغا-زاردىن ھالىمدىن كەتتىم، ئاراملىق تاپالمىدىم!› دەيسەن.
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.
شۇڭا، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. تېنىمىز بارغانسېرى خاراب بولسىمۇ، روھىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا.
خۇدا رەھىم-شەپقىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى بىزگە بەرگەنىكەن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز.
لېكىن سىلەر، قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشماڭلار.
گەرچە ئۇ ئازار بەرسىمۇ بىزگە، شاپائەت قىلار ئۇ يەنە، چۈنكى ئۇ ئىگىدۇر چەكسىز مۇھەببەتكە.
نەزىرىڭدە بولسۇن رەزىللىكلىرى ئۇلارنىڭ! گۇناھلىرىم ئۈچۈن جازالىغان بولساڭ مېنى قانداق، ئىستىكىم شۇكى، جازالىغىن ئۇلارنىمۇ ئاشۇنداق. كۆپتۇر مېنىڭ ئاھۇزارىم، مادارىدىن كەتتى يۈرەك-باغرىم.»
ئۇ پەلەكتىن ئوت چۈشۈرۈپ، كۆيدۈردى سۆڭەكلىرىمنى. تۇزاق قۇرۇپ يولۇمغا، قايتۇردى مېنى ئارقامغا. ئۇ مېنى مەھكۇم قىلدى تەنھالىققا، ئۈزلۈكسىز ئېچىنىشلىق ئازابقا.
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ.
ئېغىر كۈندە جاسارىتىڭنى يوقاتساڭ، سەن ئاجىزسەن.
ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.
پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.
گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك، توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ، بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.
يوقىتار ئىدىم ئۆزۈمنى ئەگەر ئىشەنچىم بولمىسا كۆرۈشكە پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ دۇنيادا.
ھېچ مادارىم قالمىدى نالە-پەرياد قىلىپ ساڭا، كۆز يېشىم دەريا بولۇر ھەر كېچىسى ئورنۇمدا.
«مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن، مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ.
_ ئەي بارۇك، ساڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:
كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى دەرد-ئەلەمدىن، ئاجىزلاشتى كۆزلىرىم دۈشمەنلىرىم دەستىدىن.