Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 45:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ ئەي بارۇك، ساڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 45:2
8 Referans Kwoze  

چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


ئۇ سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب چەككەچكە، سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ.


لېكىن روھى چۈشكەنلەرگە تەسەللى بېرىدىغان خۇدا تىتۇسنى يېنىمىزغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بىزگە تەسەللى بەردى.


ھەرقانداق مۈشكۈللۈككە ئۇچرىغىنىمىزدا، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى. شۇڭا، بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز.


سىلەر بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا، بولۇپمۇ پېترۇسقا: «ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، - دېدى.


ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.


نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى:


«سەن ‹ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا تېخىمۇ كۆپ قايغۇ قوشتى. يىغا-زاردىن ھالىمدىن كەتتىم، ئاراملىق تاپالمىدىم!› دەيسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite