Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 44:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 ئاندىن يەرەمىيا بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئاياللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي مىسىردا تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 44:24
11 Referans Kwoze  

ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، مىسىردىكى تاخپانخېس شەھىرىگە باردى.


ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن.


ئەي يەھۇدىيەدە ئامان قالغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى قارار قىلغان بولساڭلار،


بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!


سەن ماڭا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈشنى ۋە ئىسھاق ئەۋلادلىرىغا قارشى سۆزلەشنى توختات» دېدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سال!


مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار، يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!


ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!


مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite