Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 44:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 سىلەر بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 44:23
24 Referans Kwoze  

باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.


يېقىنلاپ كەلمەكتە ماڭا رەزىل ئىنسانلار، تەلىملىرىڭدىن يىراقتۇر ئۇلار.


ئەجدادلىرىڭلارمۇ شۇنداق رەزىل ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدايىمىز بىزگە ۋە بۇ شەھەرگە بالايىئاپەتنى بەرگەن ئەمەسمىدى؟! سىلەر ھازىر دەم ئېلىش كۈنىگە ھاقارەت قىلىپ، خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا قارشى تېخىمۇ زور غەزىپىنى قوزغاۋاتىسىلەر!


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»


ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇتپەرەسلەر قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا ئاتايدۇ. سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن شېرىك بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن.


يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ، بۇلغىدى ئۆزىنى. بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار، كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى، كەمسىتەر ئۇنى. ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.


_ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟!


لېكىن بىز «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشنى توختاتقاندىن بۇيان، ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بولماقتا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە.


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


ھازىر ئۇ ئۆزى دېگىنىدەك بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. چۈنكى سىلەر گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.


رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار، ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار.


ئەمما ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سىناپ كۆردى ئۇلۇغ خۇدانى، تەرك ئەتتى ئۇنىڭ پەرزلىرىنى.


لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلدى، سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلدى، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى شۇ قەدەر قوزغىدىكى، ئۇلارغا قۇتۇلغۇدەك يول قالمىدى.


ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىدى، ھەم ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە ماڭمىدى.


خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.


ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مەن كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار!


«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: سىلەر مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا بارلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممە بالايىئاپەتلەرنى كۆردۈڭلار. بۇ شەھەرلەر تاكى بۈگۈنگىچە ئادەمزاتسىز خارابىلىكتە تۇرماقتا.


بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى.


بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سىلەر توۋا قىلمىدىڭلار. سىلەر ماڭا ئىخلاسمەن بولمىدىڭلار، مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ئەمر-پەرمانلار بويىچە ياشىمىدىڭلار.


ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلدى ھەمدە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى.


بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭنى تونۇمىدۇق ۋە سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite