20 ئاندىن يەرەمىيا ئۆزىگە جاۋاب بەرگەن بارلىق كىشىلەر، يەنى ئەر ۋە ئاياللارغا مۇنداق دېدى:
ئاياللار: _ بىز ھەقىقەتەن «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندۇق. بۇنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بىلىدۇ ھەم «جەننەت خانىشى»نىڭ شەكلىدە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشىمىزنى قوللايدۇ، _ دېدى.
_ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟!
ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدى، چۈنكى ئۇ: «ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرى ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم قىلغانىكەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇ ئىلاھلار ئاخازنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ، ئۆزلىرىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىق ماڭا قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.
مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.
سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر.