Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 44:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 «مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: سىلەر مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا بارلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممە بالايىئاپەتلەرنى كۆردۈڭلار. بۇ شەھەرلەر تاكى بۈگۈنگىچە ئادەمزاتسىز خارابىلىكتە تۇرماقتا.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 44:2
25 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»


كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى. ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى. شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»


چۈنكى قاقاسلىققا ئايلاندى سىئون تېغى، چىلبۆرىگە ماكان بولدى ھەممە يېرى.


مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا. ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە. پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە، چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»


ئاھ، بىر چاغلاردا ئادەملەرگە لىق تولغان شەھەر، ئولتۇرۇپتۇ ئەمدى پېتىپ يالغۇزلۇققا! بىر چاغلاردا ئەللەر ئارا مەشھۇر شەھەر، ئوخشاپ قاپتۇ ئەمدى پەقەت تۇل ئايالغا. بىر چاغلاردا مەلىكە ئىدى ئۇ ئۆلكىلەر ئارا، ئەمدى ئۇ ئوخشاپ قالغان يوقسۇل قۇلغا.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


پۈتۈن زېمىن تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەر بابىل پادىشاھىغا يەتمىش يىل قۇل بولىدۇ.


مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»


شەھەر دەرۋازىلىرى پاچاقلىنىپ، شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


مەن سامارىيە ۋە پادىشاھ ئاخاب جەمەتىگە ئىشلەتكەن ئۆلچەم تانىسىنى ئىشلىتىپ، يېرۇسالېمنى ئۆلچەيمەن، خۇددى تاۋاقنى چايقىغاندەك يېرۇسالېمنى چايقاپ، ئۇنى دۈم كۆمتۈرىمەن.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى!


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر مىسىردا پەرۋەردىگارنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلقىگە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.


لېكىن بۇنىڭدىن ئاۋۋال خەلقىم زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، زېمىنى بوش قالىدۇ ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. خەلقىم گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تەرك ئېتىپ، بەلگىلىمىلىرىمنى ئۆچ كۆردى.


«سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.


شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن.


سىلەر بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.


سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى.


بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite