Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 44:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئاياللار: _ بىز ھەقىقەتەن «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندۇق. بۇنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بىلىدۇ ھەم «جەننەت خانىشى»نىڭ شەكلىدە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشىمىزنى قوللايدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 44:19
14 Referans Kwoze  

بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى.


يەھۇدىيەدىن كېلىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردا ياشاۋاتقانلاردىن بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرىدىغان ئاياللار ۋە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئەرلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، يەرەمىياغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:


يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


(ھېچكىممۇ ھازىرغىچە ئاخابقا ئوخشاش يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇنى خوتۇنى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى.


ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.


سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.


ئاندىن يەرەمىيا ئۆزىگە جاۋاب بەرگەن بارلىق كىشىلەر، يەنى ئەر ۋە ئاياللارغا مۇنداق دېدى:


ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.


ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلغاندۇر. پەرۋەردىگار ئايالنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite