Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 44:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 لېكىن بىز «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشنى توختاتقاندىن بۇيان، ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بولماقتا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 44:18
8 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر يەھۇدىيە زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى. ئاندىن ئۇلار زېمىندا ماكانلىشىپ، ئۈزۈم ۋە يازلىق مېۋىلەردىن ھوسۇل ئالدى.


ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدى، چۈنكى ئۇ: «ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرى ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم قىلغانىكەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇ ئىلاھلار ئاخازنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»


ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، نومۇسسىزلارچە ئېغىر ئاياغ بولدى. ئۇ: ‹مەن ئاشنىلىرىمنى ئىزدەيمەن، ئۇلار ماڭا يېمەك-ئىچمىكىمنى، يۇڭ ۋە زىغىر رەختىمنى، زەيتۇن يېغى ۋە شارابىمنى بېرىدۇ› دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite