Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 44:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 44:12
18 Referans Kwoze  

لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر.


مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.


خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.


بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر باشقىلارنى قارغىغاندا، پەرۋەردىگار ساڭا بابىل پادىشاھى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن زىدقىيا ۋە ئاخابقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلسۇن، دەيدۇ.


مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە تارقىتىۋەتسەم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا ئۇچرايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.


بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.


روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى جەبىر-زۇلۇمغا سالىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، بالىياتقۇسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ.


ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ.


شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!»


نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ.


سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ، مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ. كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite