Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 44:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. ھەتتا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ يوقىتىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 44:11
9 Referans Kwoze  

سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.»


ئۇلارنى دۈشمەنلىرى سۈرگۈن قىلسا، شۇ يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قىلىچنى بۇيرۇيمەن. مەن ئۇلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم.»


يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلار ئوت ئىچىدىن قېچىپ چىقسىمۇ، ئوت يەنىلا ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققىنىمدىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite