Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 43:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇلار ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە يەھۇدىيە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللارنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شافاننىڭ نەۋرىسى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا قالدۇرغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ۋە نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكمۇ بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 43:6
11 Referans Kwoze  

لېكىن ئۇ يەھۇدىيە زېمىنىغا ھېچنېمىسى يوق نامرات كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا ئۈزۈمزارلىقلار ۋە ئېتىزلارنى بەردى.


قالغان يەھۇدىيە قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەركەردىلىرى دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى بۇ زېمىنغا ھۆكۈمدار قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماي، بۇ زېمىندا قالغان نامرات ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ باشقۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدى.


ئازاب چەككەن ئىنسانمەن خۇدانىڭ غەزەپ تايىقىدا.


ئاندىن ئىسمائىل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللار ۋە مىزپاھتا قالغان باشقا بارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئاممون زېمىنىغا قاراپ، قېچىپ كەتتى. قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان بۇ كىشىلەردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇرغانىدى.


بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى.


بىلىپ قويغىنكى، ياش ۋاقتىڭدا ئۆز بەلبېغىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، خالىغان يېرىڭگە كېتەتتىڭ، لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ بېرىسەن. باشقىلار سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، - دېدى.


يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاياللار سېنى مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى، ئۇلار سېنى باشقۇردى، مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى، يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى.»


نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك سېنى بۇلارنى بىزگە ئېيتىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ بىزنى بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ.


نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى:


موئاب، ئاممون، ئىدوم ۋە باشقا يەرلەردىكى بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر بابىل پادىشاھىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەدە ياشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۇلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite