Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 43:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك سېنى بۇلارنى بىزگە ئېيتىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ بىزنى بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 43:3
12 Referans Kwoze  

ئۇلار ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە يەھۇدىيە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللارنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شافاننىڭ نەۋرىسى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا قالدۇرغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ۋە نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكمۇ بار ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.


ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.


ئۇ ۋاقىتتا بارۇك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گىماريانىڭ ھۇجرىسىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. بۇ ھۇجرا يېڭى دەرۋازا يېنىدىكى ئۈستۈنكى ھويلىدا ئىدى. ئۇ يەردە بارلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.


شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى.


خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.


مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا، شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا.


ئۇنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل ۋە توختامغا قول قويغان گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا تاپشۇرۇپ بەردىم.


ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite