Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 43:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 نىبۇكادنەزەر مىسىر ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئولجا ئالىدۇ ۋە بۇتخانىلىرىغا ئوت قويۇپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى نەرسىلەرنى خۇددى پادىچى چاپىنىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك، ھەممىسىنى تېرىۋېلىپ، ساق-سالامەت قايتىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 43:12
36 Referans Kwoze  

مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇتلارنى يوقىتىمەن، نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ، مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.


سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، تۆت ئەتراپىڭغا قاراپ باققىن، ھەممە ئوغۇل-قىزلىرىڭ كېلىپ ئەتراپىڭغا توپلانماقتا.» پەرۋەردىگارىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەنكى _ مەڭگۈ ھايات خۇدا شۇنداق قەسەم قىلمەنكى، بۇ ئوغۇل-قىزلىرىڭ خۇددى زىبۇ-زىننەتلەردەك سېنى ھەر جەھەتتىن بېزەيدۇ، ئۇلار سېنى خۇددى يېڭى كېلىنچەكتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ.


بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.


موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ، لېكىن سەنمۇ ئەسىرلىككە ئېلىنىسەن. بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوئامون شەھىرىنىڭ ئىلاھى ئاموننى جازالايمەن. مىسىر ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى، شۇنداقلا پىرئەۋنگە تايانغان بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن.


لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.


شان-شەرەپ ۋە سالاپىتىڭنى كۆرسىتىپ، ھۆرمەت ۋە ھەيۋىتىڭنى كىيىپ باققىنا.


ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباسنى كىيدۈرۈپ ۋە ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ!» دەپ جار سالسۇن، _ دېدى.


فىلىستىيەلىكلەر قاچقاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ بۇتلارنى ئېلىپ كەتتى.


بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ.


خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار.


شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار.


يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.


قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.


پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.


مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن. مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ. بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ!


«بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار. ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: ‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.›


مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.


ئۇ چاغدا ياقا يۇرتلۇقلار قويىڭلارنى باقىدۇ، ياتلار يېرىڭلارنى تېرىيدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ياسايدۇ.


ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.


ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھ بېلنىڭ تىزى چۆكىدۇ، ئىلاھ نىبونىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلىرى ھايۋانلارغا يۈكلەپ قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بابىللىقلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ بۇتلار ئەمدى ھارغىن ھايۋانلارغا ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.


قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»


كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى، پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.»


كىيدۈرىمەن روھانىيلىرىغا نىجاتلىق تونىنى، ياڭرىتىدۇ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى.


بۇ ئىلاھلارنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، تىزلىرى ئېگىلىدۇ، بۇ ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكسىچە بۇ كېرەكسىز ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن ئەسىرلىككە تاپشۇرۇلىدۇ.


ئۇ مىسىردىكى قۇياشقا ئاتالغان بۇتخانىغا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.›»


مەن دەمەشق سېپىللىرىغا ئوت قويۇپ، بەنھادادنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»


بۇ يەرگە ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاياغ باسمايدۇ. قىرىق يىلغىچە بۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمالىي پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلمايدۇ.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاشۇ ئەللەرگە جاكارلا: ‹بۇ بۇتلار ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتمىغان. ئۇلار ئاسماننىڭ ئاستىدىكى زېمىندىن يوقىلىدۇ!›


بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.


مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى،


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ مىسىرنى تالان-تاراج قىلىپ، بايلىقلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. مىسىردىكى بايلىقلار بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ئىش ھەققى بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite