Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 43:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئاندىن ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن خىزمەتكارىم بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن. مەن كۆمۈلگەن بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەختىنى قۇرىمەن. بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ئۆز چېدىرىنى تىكىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 43:10
19 Referans Kwoze  

ئاڭلا! مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى چاقىرىۋاتىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەختلىرىنى شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا ھەممە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.


مەن: ‹كورەش پادىشاھ پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم، ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن، ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.»


سېنى پاناھ قىلغانلارنى ساقلاپ ھۇزۇرۇڭدا، قوغدايسەن ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭغا، ساقلايسەن چېقىمچىلارنىڭ تىللىرىدىن.


ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا.


يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.


غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.


ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.


چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 بەگ ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىپ، مەست بولۇشۇپ ئولتۇرۇشاتتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھۇجۇمغا ئاتلاندى.


بەنھادادقا بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە: _ ھۇجۇمغا تەييارلىنىڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.


پەرۋەردىگار كورەشنى تاللىدى، ئۇ ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا شەھەرلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ھېچكىم بۇ دەرۋازىلارنى يېپىۋېتەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ:


_ تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ، پىرئەۋننىڭ تاخپانخېستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خىش يولنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغىن. يەھۇدىيە خەلقى بۇنى كۆرسۇن.


پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئېيتتى:


سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.


مەن ئېلامدا تەختىمنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite