Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 42:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 يەرەمىيا پەيغەمبەر جاۋابەن: _ بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دېگىنىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئېيتىمەن. سىلەردىن ھېچ ئىشنى يوشۇرمايمەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 42:4
13 Referans Kwoze  

يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.


ماڭا كەلسەك، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلمىسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن.


مۇسا جاۋابەن: _ مەن يېنىڭىزدىن چىقىپلا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي. چىۋىنلار توپى ئەتىلا سىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. لېكىن سىز بىزنى ئالداپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك، _ دېدى.


مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا، سىلەرگە پايدىلىق بولغانلا نەرسىلەرنى ئېيتماي قويمىدىم.


مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ چۈشلىرىنى ئېيتىۋەرسۇن. ئەمما مېنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي يەتكۈزگۈچىلىرىم مېنىڭ ھەربىر سۆزۈمنى سادىقلىق بىلەن جاكارلىسۇن. پاخال بىلەن دان ئوتتۇرىسىدا پەرق بار!


قېرىنداشلار، مەن جانجىگىرىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن.


چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم.


مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


ئۇلار چوقۇم ئۆزئارا: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن.


مۇنداق دېدى: _ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite