Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 42:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېچكىم ھايات قالمايدۇ ياكى مەن ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 42:17
7 Referans Kwoze  

لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر.


ئۇرۇشتىن قاچقان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا يەھۇدىيەگە قايتىدۇ. ئاندىن مىسىردا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە خەلقى مېنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىشىدۇ،


مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن.»


«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.›


ئەي يەھۇدىيەدە ئامان قالغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى قارار قىلغان بولساڭلار،


سىلەر قىلىچتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مەن قىلىچنى سىلەرگە تەڭلەيمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite