يەرەمىيا 42:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى. Gade chapit la |
مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قالغان ھەممە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى.
يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى.