Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 41:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىسمائىلغا: _ بىزنى ئۆلتۈرمە! بىز ساڭا ئېتىزلىقلارغا يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسىلىمىزنى بېرەيلى، _ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەي ھايات قالدۇردى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 41:8
9 Referans Kwoze  

بايلىق باينىڭ جېنىغا تۆلەم بولار. يوقسۇل تەھدىتتىن خالىي بولار.


شەيتان جاۋابەن: _ جېنىغا ئازاب بېرىپ باققىن، نېمە قىلاركىن؟ ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر.


بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟!


شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟


مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى، مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم: ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.


ئىسمائىل جەسەتلەرنى تاشلىۋەتكەن ھېلىقى سۇ ئامبىرىنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بۇرۇنقى چاغلاردا ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشانىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدانغان ۋاقتىدا قازدۇرغانىدى. ھازىر نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بۇ سۇ ئامبىرىنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite