7 لېكىن ئۇلار شەھەرگە كىرگەن ھامان، نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتتى.
سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.
ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.
«ئۇلار ئالدىرايدۇ قان تۆكۈشكە،
چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا، ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە.
پادىشاھ پىقاخيانىڭ سەركەردىسى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى بولغان پەقاخ ئۆزىگە گىلئادلىق ئەللىك نەپەر كىشىنى ھەمراھ قىلىپ، ئارگوب ۋە ئاريېھ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇ سامارىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا جايلاشقان قەلئەدە پادىشاھ پىقاخيانى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.
ئەمما سەن خۇددى قەدىرسىز شاخ-شۇمبىدەك قەبرەڭدىن تارتىپ چىقىرىلىسەن. سەن خۇددى دەسسەپ چەيلەنگەن جەسەتلەردەك، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە جەسەت ئازگاللىرىغا تاشلىۋېتىلىسەن. ئۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرى سېنىڭ جايىڭ بولىدۇ.